ئامېرىكا: 2009 - يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئېغىرلىشىپ كەتتى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىكى پەيشەنبە كۈنى 2010 - يىللىق دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، 2009 - يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ناچارلىشىپ كەتكەنلىكى، دائىرىلەرنىڭ پائالىيەتچىلەرگە زىيانكەشلىكى كۈچىيىپ، باستۇرۇش ئېغىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا، ئۇيغۇر ئىلىدىكى "ئېتنىك مىللەتلەرگە مەدىنىيەت ۋە دىنىي جەھەتتىكى باستۇرۇش شەپقەتسىزلەرچە كۈچەيگەنلىكى"، "ئوخشىمىغان سىياسى كۆز قارىشىنى تىنچ يوللار بىلەن ئىپادىلىگەن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش داۋاملىشىپ"، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ۋە بەزى دىلولاردا بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىپلىنىپ، ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغانلىقى"نى ئىلگىرى سۈرگەن.

دوكلاتتا، ئۆتكەن يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن " 5 - ئىيۇل ۋەقەسى"گە ئالاھىدە يەر بېرىپ، ۋەقەدە خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ تىنچ ئۇيغۇر نامايىشچىلارغا ئالدى بىلەن ئوق چىقارغانلىقىنى ۋە بۇ نامايىشنىڭ توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"نى ئاتالمىش 3" خىل كۈچلەر" پىلانلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەقەنىڭ جاۋاپكارلىقىنى ئۇيغۇرلارغا ئارتقان.

لېكىن دائىرىلەر ھىچقاچان 5 - ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە زادى نىمە ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى ئۈستىدە تەپسىلى توختۇلۇپ باقمىغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"دە نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكى، ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن بولۇشى مۈمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ب د ت نى رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشكە چاقىرغان. لېكىن خىتاي 5" - ئىيۇل ۋەقەسى" ھەققىدىكى پۈتۈن تەنقىدلەرنى رەت قىلىپ، ۋەقەنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.