'ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچرىماقتا'

5 - ئۆكتەبىر ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا يەرلىك ئۇيغۇرلار ھوقۇقىنىڭ ھەر تەرەپتىن دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دوكلاتتا، گەرچە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ئېلان قىلىنغىنىغا ۋە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ ئۇيغۇرلارغا ئاپتونومىيە ھوقۇقى ۋەدە قىلىنغىنىغا ئارىدىن 60 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەردىن ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكلاتتا، خىتاينىڭ 2007 - يىلى 13 - سېنتەبىر "بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەرلىك خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى قوغداش خىتابنامىسى" نى قوللاپ بىلەت تاشلىغانلىقى ۋە مەزكۇر خىتابنامىدە كۆرسىتىلگەن پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىشقا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكلاتتا، ئۇيغۇرلار كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش ئەھۋالى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەرلىك خەلقلەر ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ ھەر بىر ماددىسىدىكى مىزانلار بويىچە مىساللار بىلەن تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن.

دوكلاتتا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ، ئاخبارات ، خىزمەت پۇرسىتى قاتارلىق جەھەتلەردە كەمسىتىشكە ئۇچرىغانلىقى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى يەر ئاستى بايلىقلاردىن قىلچە بەھرىمەن بولمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

بۇ، باش شتابى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى شۇ خىلدا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتۇر.