خىتاي 10 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاز سانلىق مىللەت مائارىپىنى خىتاي مائارىپى بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرمەكچى

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ئاپتونوم رايون بويىچە ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئۆسمۈرلەرنىڭ قوش تىل دېكلاماتسىيە مۇسابىقىسى داۋام قىلماقتا.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مائارىپ خەۋەرلىرىدە مەزكۇر پائالىيەتكە مەسئۇل بولغان جاۋ دېجۇڭنىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىشىچە"، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى كۆپ خىل چارە ‏ - تەدبىرلەر ئارقىلىق قوش تىل مائارىپىنىڭ ساغلام تەرەققى قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە". جاۋ دېجۇڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مائارىپ نازارىتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى.

ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى10 يىلغا قالماي ئۇيغۇر ئېلىدە ئاز سانلىق مىللەت مائارىپى بىلەن خىتاي مائارىپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى پىلان قىلغان بولۇپ. قوش تىل مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ تېزلىتىش ئۈچۈن 200 مىليون مەبلەغ ئاجراتقان.

مەزكۇر تۈر مەبلىغى ئاساسەن ئاز سانلىق مىللەت قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى قايتا تەربىيىلەشكە سەرپ قىلىنغاندىن باشقا يەنە، بىر قىسمى بالىلار مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇشقا سەرپ قىلىنىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان قوش تىل مائارىپى سىياسىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز توسالغۇسىز يۈرۈشىشى ئۈچۈن ئاساسلىق كۈچىنى بالىلار مائارىپىنى قوش تىللاشتۇرۇشقا قاراتقان بولۇپ،قوش تىل مائارىپىنىڭ يېڭى نىشانى 2012 ‏ - يىلىغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ 85% ئىنى قوش تىل مەكتەپلىرىدە ئوقۇتۇش.