شىنخۇا تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 30 - ئاۋغۇست كۈنىگىچە خىتايدا ئوقۇۋاتقان مىللىي ئوقۇغۇچىلاردىن 12 مىڭ نەپەرى 6 قېتىملىق مەخسۇس پويىزدا يولغا سېلىنىدىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر سىنىپلارغا قوبۇل قىلىنىدىغان مىللى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى يىلمۇ - يىل كۆپەيتىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىللىق تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ سانى 5500 نەپەر ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 5350 نەپىرى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى، 150 نەپىرى بولسا بىڭتۇەندىن چىققان ئوقۇغۇچىلار ئىكەن.
خىتاي، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى خىزمىتىنى كۈچەپ ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىچكىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ سۇن چى ئىسىملىق ئەمەلدارىنىڭ سۆزىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرى ھازىرغىچە 30 مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملىغان.
بۇ يىل شىنجاڭ سىنىپلىرىنىڭ سانىمۇ بۇلتۇرقى 50 دىن 52 گە كۆپەيتىلىدىغان بولۇپ، شىنجاڭ سىنىپى ئېچىلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ سانىمۇ بۇلتۇرقىغا قارىغاندا كۆپەيتىلىدىكەن.
