ستۇارد بەك ماقالىسىنى 'فىلىپىندىن 500 دېڭىز چاقىرىمى يېراقلىقتىكى پالاۋ دۆلىتىنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ ئىلھامى بىلەن، تېررورىزىمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ قۇربانى بولۇپ گۇەنتانامودا تۇرۇپ تۇرۇلىۋاتقان گۇناسىز، زىيانسىز ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلاش ئارقىلىق دۇنياغا تۇنۇلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن' دەپ باشلىدى.
ئۇ ماقالىسىدا پالاۋ پرېزىدېنتى توربيوڭنى 'ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدە تەربىيە كۆرگەن، قانۇنلۇق دەۋا ئىشلىرىدا پىشقان، گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ دېلولىرىنى كۆرۈپ چىققان، ئاخىر ئۇلارنى قانداق بىرتەرەپ قىلىش ھەققىدە ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباماغا ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خېللارى كىلىتونغا مەسلىھەت بەرگەن ئادۋىكات' دەپ تۇنۇشتۇردى.
پالاۋنىڭ ب د ت دە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ستۇارد بەك ماقالىسىدا، ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئارقىلىق تارقالغان 'ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا پالاۋغا ھەربىر ئۇيغۇر ئۈچۈن 12 مىلليون ئامېرىكا دوللىرىدىن جەمئى 200 مىليون ئامىرىكا دوللىرى بېرىۋەتتى' دېيىلگەن ئىغۋانى رەت قىلدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، پالاۋ بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت قويۇق، ئامېرىكا پالاۋنى 1944 - يىلى ياپونىيىدىن ئۆتكۈزىۋالغاندىن كېيىن، پالاۋنىڭ تەلەپى بۇيىچە، پالاۋنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولۇپ تۇرغان ئىدى ۋە 15 يىلىغىچە ھەر يىلىن 56 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ياردەم بېرىپ كەلگەن ئىدى.
1994 - يىلى پالاۋ بىلەن ئامېرىكا 50 يىللىق كېلىشىم تۈزۈپ، پالاۋنىڭ دېڭىز پورتلىرىنى ئامېرىكىنىڭ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلدى. بۇ كېلىشىمدىكى ئىقتىسادىي ياردەم ماددىلىرىنىڭ ۋاقتى 2009 - يىلى ئۆكتەبىر توشاتتى. قالغان 30 نەچچە يىل ئۈچۈن مۇزاكىرە بولىۋاتقاندا، پالاۋ قوبۇل قىلماقچى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ قاتناش، تۇرالغۇ، يېمەك داۋالىنىش، ئىشلەش لاياقىتى ئۈچۈن ئوقۇش قاتارلىق چىقىملىرى ئۈچۈن، ئامېرىكا 90 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ياردەم بېرىغان بولغان ئىدى.
ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، پالاۋدىن ئىبارەت بۇ دۆلەتنىڭ ئۆز تېرىتورىيىسى ئىچىدە قورال تۇتۇش چەكلەنگەن بىر تىنجلىقپەرۋە ر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، بۇ دۆلەتنىڭ ئامېرىكا بىلەن پەۋقۇلئاددە مۇىناسىۋىتى بارلىقىنى ۋە ئۆتكەن ھەپتىدە پالاۋدا، ئاۋغانىستاندىكى تالىبانلارغا قارشى ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ئەسكەر جەسپېر ئوباكرايرورنى خاتىرىلەپ دۆلەت بايرىقى يېرىم چۈشۈرۈلگەنلكىنى تىلغا ئالدى.
