خىتاينىڭ شىنلاڭ قاتارلىق تور بېكەتلىرى ھەم ئۇيغۇر تىلىدىكى تور بېكەتلىرىدىكى ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە تاشالما كوماندىسى ئاۋۋال بىر توپ كەتكۈزۈپ قويغان. ئەمما كېيىنكى مەيداندا 5-نومۇرلۇق پەرھات ھەم 10-نومۇرلۇق ئەخمەتجانلار ئىككى توپنى ئارقا-ئارقىدىن كىرگۈزۈپ تاشالما كوماندىسى 2-1 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلغان.
بۇ مەيدان غەلىبىدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارى تاش ئالما كوماندىسىنىڭ ئومۇمىي نومۇرى 14 نومۇرغا يىتىپ، بىرلەشمە مۇسابىقىدىكى 1-ئورۇننى ساقلاپ قالغان.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم مۇسابىقىنى كۆرگىلى كەلگەن توپ مەستانىلىرى 40 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا «جۇڭگودىكى توپ مۇسابىقىسى كۆرگۈچىلەر سانىدا يەنە بىر قېتىم رېكورت ياراتتى» دەپ تەرىپلەنگەن.
ئالدىنقى ئايلانما مۇسابىقىدە شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى تيەنجىن كوماندىسى بىلەن تۇتۇشقان بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارى كوماندىسىنىڭ تۇنجى مەيدان ساھىبخانا مۇسابىقىسىدە 35 مىڭ پۇتبول مەستانىسى مۇسابىقە كۆرگىلى كېلىپ، خىتايدىكى پۇتبول مۇسابىقىسى تاماشىبىنلىرى تارىخىدا ئادەم سانىنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتە تۇنجى رېكورتنى ياراتقان ئىدى.
