ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي مەسىلىلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى بۇ دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا يەرلىك مىللەتلەر كەمسىتىلىۋاتقانلىقىنىڭ پاكىتلىرى كۆرسىتىلگەن.
ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 10 كۈنىدىكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتتىن ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنىڭ 70% ى ئىشسىز ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان بولسا، شۇنىڭدىن كېيىن، 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى يەنە بىر خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ خىزمەتچى تەربىيىلەش پروگراممىسىغا 7 مىڭ كىشى قاتنىشىۋاتىدۇ دەپ خەۋەر قىغان ئىدى.
ئەمما، خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ 5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چىقارغان خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانىدا، ئالىي مەكتەپ سەۋىيىسىگە ئىگە بولغان كىشىلەردىن 894 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىنىدۇ، بۇنىڭ 744ى خىتاي، 11 ى ئۇيغۇر، ئىككىسى قازاق دەپ بەلگىلىدى. قالغان 137 نىڭ قايسى مىللەتتىن ئېلىنىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش ئېلانىدىمۇ، قوبۇل قىلىنىدىغان 436 نەپەر ئوقۇتقۇچىنىڭ 347سى خىتاي، قالغان 89ى ئۇيغۇر دەپ بەلگىلىگەن.
دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، ناھىيىلەرنىڭ ئېلانىدىمۇ بۇنداق مىللىي كەمسىتىش مەۋجۇت. مەسىلەن: شايار ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چىقارغان ئېلانىدا، بۇ ناھىيىدە قوبۇل قىلىنىدىغان 500 نەپەر ئوقۇتقۇچىنىڭ 413ى خىتاي بولۇشى كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن.
