ۋال - مارت شىركىتى خىتايدىن ئىمپورت قىلغان دۋد قويغۇچىنى يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقاردى

20 - ئاۋغۇست، ۋال - مارت شىركىتى خىتايدىن ئىمپورت قىلغان بىر خىل دۋد قويغۇچىنى يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقاردى. ئامېرىكا ئىستېمالچىلار بىخەتەرلىكى كومىتېتى بۇ ھەقتە تارقاتقان ئۇقتۇرۇشقا قارىغاندا، خىتايدا ئىشلەنگەن دۇرابراند ماركىلىق دۋد قويغۇچتا، ئاسان قىزىپ كېتىپ ئوت كېتىش، زەھەرلىك پۇراق چىقىرىش خەتىرى كۆرۈنگەن.

نەتىجىدە، ئامېرىكا ئىستېمالچىلار بىخەتەرلىكى كومىتېتى ئوقۇتۇش چىقىرىپ، خېرىدارلاردىن خىتايدا ئىشلەنگەن يۇقىرىقى دۋد ئىشلىتىشنى دەرھال توختىتىش ۋە ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەرلەردىكى ۋال - مارت سودا سارايلىرىغا كېلىپ پۇلىنى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلغان.

مەزكۇر دۋد قويغۇچ ۋال - مارت سودا سارايلىرىدا مەخسۇس سېتىلىدىغان مەھسۇلات بولۇپ، 2006 - يىلىدىن 2009 - يىلىغىچە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىپ، شىركەتنىڭ ئامېرىكىدا بارلىق پارچە سېتىش ئورۇنلىرىدا سېتىلغان.

خىتايدا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلاردا دائىم دېگۈدەك بىخەتەرلىك مەسىلىسى كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. 2007 - يىلى خىتايدا ئىشلەنگەن ئەرمەك ھايۋان يېمەكلىرى ۋە بىر قىسىم بالىلار ئويۇنچۇقلىرىدا زەھەرلىك ماددا مېلامىن بايقالغان ۋە ئامېرىكا بويىچە خىتايدا ئىشلەنگەن بۇ خىلىدىكى مەھسۇلاتلارنى يىغىۋېلىش ئوقۇتۇشى چىقىرىلغان ئىدى.