بۇنىڭدىن باشلاپ خەلقئارا تەشكىلاتلار ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن بۇ خىتاي دېكتاتورلىرىنىڭ پېيىدا بولىدۇ. بۈگۈن 'تىبەت ئەنئەنىسى' تور بېتىدە، تىبەتلەرگە ۋە ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سېلىۋاتقان بۇ خىتاي دىكتاتورلىرىنى 'تۆمۈر ئەجدىھا 'لار دەپ ئاتىدى.
تۈنۈگۈن گېرمانىيە ئۇچۇر ۋاستىلىرى، ئىسپانىيە سوتچىسى سانتياگو پەدرازنىڭ خىتاينىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ئەمەلدارلىرىدىن سەككىز كىشىنى ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايەت گۇماندارلىرى دەپ ئاتاپ، ئۇلارنى سوراققا لازىم، دەپ كۆرسەتكەنلكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
ئىسپانىيە دۆلەت سوتىنىڭ بۇ سوتچىسى ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرغان جىنايەت گۇماندارلىرى، دەپ ئاتىغان سەككىز كىشىنىڭ ئىچىدە ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تىبەتكە قويغان سېكرىتارى جاڭ چىڭلى، خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لياڭ گۇاڭليې، دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىسىتىرى گېڭ خۇيچاڭ، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىسىترى مېڭ جيەنجۇ، ئاز سانلىق مىللەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى دېجۇ قاتارلىقلار بار .
