بۈگۈن ۋېيتنام دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنىڭ بارغانسىرى مۇرەككەپلىشىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن ئۆزلىرىنىڭ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مىنىستىر سۆزىدە جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن داۋاملىق ھالدا تىنچلىق سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ۋېيتنامنىڭ كەلگۈسى تەھدىتلەرگە قارشى رۇسىيەدىن ئىلغار تىپتىكى قورال - ياراق سېتىۋېلىش ئۈچۈن سۆزلىشىۋاتقانلىقى بۈگۈنكى ئاخبارات يىغىنىدا مۇخبىرلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بىر مۇخبىر ۋېيتنامنىڭ رۇسىيەدىن 636 تىپلىق بىر ئۇرۇش پاراخوتى ۋە Su - 30 تىپلىق ئۇرۇشچى ئايروپىلان سېتىۋېلىش پلانىنىڭ نەتىجىسىنى سورىغان.
ۋېيتنام دۆلەت مۇداپىە مىنىستىرى بۇ سوئالغا رەت ياكى ئېتىراپ جاۋابى بەرمىگەن؛ پەقەت رۇسىيەنىڭ قورال - ياراق جەھەتتە ۋېيتنامنىڭ مۇھىم ھەمكارلاشقۇچىسى ۋە مەنبەسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ئۆتكەن.
