ۋۇكەندىكى سايلامدىن كېيىن خىتاي باش مىنىستىرى گۇئاڭدوڭنى زىيارەت قىلدى
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012-02-05
1 - فېۋرال كۈنى خىتاي يېزىلىرىدىكى تۇنجى قېتىملىق دېموكراتىك سايلام گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىگە تەۋە ۋۇكەن يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىنى زىيارەت قىلدى.
ئۆز ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ھۆكۈمەت ۋە ساقچى دائىرىلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى قوزغاپ، ئاخىرى ئۆز - يېزا باشلىقىنى ئەركىن سايلاش ھوقۇقىغا ئېرىشتى دەپ تەرىپلىنىۋاتقان ۋۇكەن يېزىسىدا 1 - فېۋرال كۈنى ئەركىن سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ، دېھقانلار ئۆزلىرى خالىغان كىشىسىگە بېلەت تاشلاپ، نامزاتلار ئارىسىدىن ئۆزلىرى ئىشەنگەن ۋە ياخشى كۆرگەن بىر كىشىنى يېزا باشلىقى قىلىپ سايلاپ چىقىشقا مۇۋەپپەق بولغان ئىدى.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېن جياباۋ سايلامدىن ئىككى كۈن كېيىن بۇ ئۆلكىگە كېلىپ، كۆزدىن كۆچۈرۈشتە بولغان. ئۇ، ھەر ساھەگە مەنسۇپ بىر قىسىم ئورۇنلارنى كۆزدىن كەچۈرگەن. ۋېن جياباۋ بىر يېزىغا بارغاندا، دېھقانلارنىڭ سايلام ھوقۇقى مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، «دېھقانلارنىڭ سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى - ئۆزلىرى ئىدارە قىلىش ۋە يېزىلىق كومىتېتلارنى يېزا ئاھالىلىرى بىۋاسىتە سايلاشتا قەتىي چىڭ تۇرۇش لازىم» دەپ كۆرسەتكەن.
ئەمما، بۇ قېتىم ۋېن جياباۋنىڭ ۋۇكەن يېزىسىنى زىيارەت قىلغان ۋە ياكى قىلمىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر يوق. بىراق بۇ يېزىدا يۈزبەرگەن دېھقانلارنىڭ ئەركىن سايلام تەلىپى ۋە بۇ ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ خىتاي ئالىي رەھبەرلىك قاتلىمىغىمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكى، نۆۋەتتە خىتايدىكى دېھقانلار مەسىلىسىنىڭ يەنىلا نازۇك ۋە مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكى مۇھاكىمە قىلىنماقتا.
پىكىر - قاراشلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇڭ
Click here to add your own comment