خۇ جىنتاۋ: خىتاي ئالەم بوشلۇقىنى تىنچلىق ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بۈگۈن "خىتاي ئالەم بوشلۇقىنى تىنچلىق ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. ھەربىي كېڭەيمىچىلىك قىلمايدۇ" دېدى. ئۇ بۇ سۆزنى خىتاي ھاۋا ئارمىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېچىلغان تىنچلىق ۋە تەرەققىيات خەلقئارا مۇنبىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن 30 دۆلەتتىن كەلگەن ھاۋا ئارمىيە ئۆمەكلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچراشقاندا قىلدى.

ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ تىنچلىق بىلەن تەرەققىي قىلىش ئىدىيىسىنىڭ ھەرگىزمۇ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە تەرەققىياتىنىڭ پەقەتلا ئۆزىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: "خىتاي مەڭگۈ ھەربىي كېڭەيمىچىلىك قىلمايدۇ، ھەربى ئەسلىھەلەر مۇسابىقىسىغىمۇ چۈشمەيدۇ. خىتاي ھېچقانداق بىر دۆلەت ئۈچۈن تەھدىت پەيدا قىلمايدۇ."

گەرچە خۇ جىنتاۋ سۆزىدە، خىتاينىڭ ھەربىي ئەسلىھە تەرەققىياتلىرىنىڭ ئۆزىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى قايتا - قايتا تەكىتلىگەن بولسىمۇ، كۆزەتكۈچىلەر گۇمان بىلەن قارىماقتا. تېخى ئالدىنقى كۈنىلا خىتاينىڭ ھاۋا ئارمىيە قوماندانى شۈ چىلياڭ خىتاي ھاۋا ئارمىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: "جۇڭگو ئاللىقاچان ئالەم بوشلۇقىدا ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يەتتى،" دېگەن ئىدى.

شۈ چىلياڭنىڭ بۇ سۆزى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ ۋە ھەربىي كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغاپ، خىتاينىڭ ئالەم بوشلۇقى ھەربىي ئەسلىھەلىرىگە قارشى تۇرۇش مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولۇۋاتامدۇ ؟ دېگەن گۇمان پەيدا قىلغان ئىدى.

ئەمما خىتاي ئارقىدىنلا بۇ سۆزنى ئىنكار قىلىپ، خىتاينىڭ ئالەم بوشلۇقى ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى چەكلەش مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ھەربىي جەھەتتە قانچىلىك كۈچلىنىشىدىن قەتئىينەزەر ھېچقانداق دۆلەتكە تەھدىت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ تۇرۇۋالدى.