خىتاينىڭ ئالەم ئەخلەتلىرى ئۈچۈن دۇنيا زور بەدەل تۆلىشى مۇمكىن

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھازىر ئالەم بوشلۇقىغا قاراپ ھەم تېز ، ھەم چوڭ قەدەم بېسىۋاتقاندا، خىتاي ھاۋا ئارمىيە قوماندانى شۈ چىلياڭ 'ئالەم بوشلۇقىنى كونترول قىلغانلىق يەر يۈزىنى، دېڭىزلارنى ۋە ئېلىكتىرىك ماگىنىت بوشلۇقىنى كونترول قىلغانلىق' ، 'بىز بۇ جەھەتتە بىر چوڭ تارىخىي قەدەمنى باستۇق' دېگەن سۆزىگە قارىتا، ئامېرىكا ئىستراتېگىيە مەركىزىنىڭ باشلىقى كېۋىن چىلتون 'خىتاينىڭ ئالەم بوشلۇقى پىلانلىرىدىكى نامەلۇم ئېلمىنىتلار ئۈستىدە دىئالوگ ئۆتكۈزۈش لازىم' دەپ كۆرسەتتى.

رويترس ئاگېنتلىقنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي 2007 ‏ - يىلى ئالەم بوشلۇقىدىكى بىر كونا سۈنئىي ھەمراھىنى پاچاقلاپ پەيدا قىلغان ئالەم ئەخلەتلىرىنى تېخىچە تازىلىغىنى يوق. دۇنيا ھازىر ئالەم ئەخلەتلىرى كۆپىيىپ، زور بەدەل تۆلەشتىن ئەنسىرەۋاتىدۇ.