بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، گەرچە بۇقېتىمقى ئالىي دەرىجىلىك دۆلەت مۇداپىئە دىالوگىنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنلىرى تېخى ئاشكارا قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما، ئامېرىكا تەرەپ خىتاي بىلەن 18 ئايدىن بۇيان جىددىيلىك پەيدا قىلىۋاتقان شىمالىي كورىيىنىڭ ئاتوم قوراللىرى پىلانى مەسىلىسدە سۆزلىشىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى، خىتاي تەرەپ بولسا، ئامېرىكىغا، خىتاينى بىئارام قىلىۋاتقان 'تەيۋەنگە ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش' مەسىلىسنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى ئېنىق.
بۈ خەۋەردە يەنە، بۇ قېتىمقى ئالىي دەرىجىلىك دىئالوگ دۇچ كېلىدىغان ھەم ئاتلاپ ئۆتۆپ كېتىشكە بولمايدىغان مەزمۇنلار قاتارىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە،، شىمالىي كورىيە ئۆزىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقدېشى ھەم ئالتە تەرەپ سۆھبىتىگە ساھىپخان بولغان خىتايدىن، كورىيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن خالى رايونغا ئايلاندۇرۇشقا قوشۇلۇش بەدىلىگە ئىقتىسادىي ياردەم ئېلىشقا باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما سۆھبەتتىن كېيىن كېلىشمىدىن چىقىپ كېتىپ، يادرو قوراللىرىنى سىناق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، بۇ رايوندا جىددىيلىك پەيدا قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
خىتاي ب د ت نىڭ شىمالىي كورىيىنى جازالاش قارارىغا قوشۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ھەرىكەت قوللانمىدى، بۈگۈن ئامېرىكا يەنە شىمالىي كورىيىنىڭ ب د ت نىڭ قارارىغا خىلاپ ھالدا، قانۇنسىز قورال بېسىپ بېرمىغا ماڭغان پاراخوتىنى بايقىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، پالاۋ دائىرىلىرى ھازىر گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار پالاۋغا كەلسە، خىتاينىڭ پالاۋغا تەھدىت سېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتىدۇ.
