ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىملىق زىيارەت ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز - ئارا ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ۋە ئوچۇق - ئاشكارا بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
ئامېرىكا تەرەپ خىتاينى ھەربىي خىراجەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئارتتۇرۇش ۋە ھەربىي خىراجەتلىرىنى مەخپى تۇتۇش بىلەن داۋاملىق ئەيىبلەپ كەلگەن ئىدى.
ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى موللېر بۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى ئىشەنچسىزلىكىنى يوقىتىشقا پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن: "ئىككى دۆلەت ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ بۇنداق ئۇچرىشىشى قانچىلىك كۆپ بولسا، خاتا ھۆكۈملەرمۇ شۇنچە ئازىيىدۇ."
ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا تەيۋەنگە 65 مىليارد دوللار قىممىتىدە قورال - ياراق سېتىپ بەرگەندىن كېيىن، خىتاي بۇنىڭغا قاتتىق نارازى بولغان ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان بارلىق ھەربىي سۆھبەتلىرىنى توختاتقان. بۇ يىل 2 - ئايدىن باشلاپ ئىككى دۆلەت ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ سۆھبىتى ئاستا - ئاستا ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغان ئىدى.
