خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چارشەنبە كۈنى بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇپ: "خىتاي ئوباما ۋە باشقا ھەر قانداق بىر دۆلەت رەھبىرىنىڭ دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. بىزنىڭ بۇ مەيدانىمىز ئوچۇق ۋە ئىنتايىن قەتئىي،" دېدى.
ئۇ سۆزىدە يەنە، "ئوباما دالاي لامانىڭ تىبەتتىكى بۇرۇنقى قۇللۇق تۈزۈمىنىڭ بېشى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك. خۇددى ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى لىنكولىن ئامېرىكىدىكى نېگىرلارنى قۇللۇق تۈزۈمدىن ئازاد قىلغىنىدەك، بىزمۇ 1959 - يىلى تىبەتنى قۇللۇق تۈزۈمىدىن ئازاد قىلغان. پرېزىدېنت ئوباما بىزنى بۇ جەھەتتە تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشى كېرەك،" دېدى.
دالاي لامانىڭ باياناتچىسى بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇردى ھەمدە خىــتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لامانى ھەر ۋاقىت بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەپ كەلگەنلىكىنى،ھالبۇكى ئۇنىڭ مەيدانىنىڭ ئىنتايىن ئوچۇقلىقىنى تەكىتلەپ، "پۈتۈن دۇنيا دالاي لامانىڭ بۆلگۈنچىلىك قىلمايۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ. خىتاينىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى تۆھمەت،" دېدى.
