ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئەمەلدارى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ "ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ب د ت قارارنامىسىدىكى ماددىلارنى تولۇق ئىجىرا قىلىشقا تەييار" دېگەنلىكىنى، لېكىن "ھازىرقى ئەمەلىي سىناق ئىمبارگو قارارىنى ئىجىرا قىلىش" بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى بۇ ئەمەلدار يەنە " شۇبھىسىزكى بىز ئۇلارنىڭ ۋەدىسىگە جىددىي قارايمىز، لېىكىن بىز ئاخىرىدا يەنىلا ئۇلارنىڭ نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىغا قارايمىز" دەيدۇ. خىتاي دائىم ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭشىنىڭ ئىمبارگو قارارلىرىنى ئىجىرا قىلماي، ئىمبارگو قويۇلغان دۆلەتلەر بىلەن ھەمنەپەس بولۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن ئىدى.
پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جون مىكېين خىتاينىڭ "ئەسقاتمايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ شىمالىي كورىيە مەسىلىسىدە ئەسقاتمايدىغانلىقى" نى تەنقىدلىگەن ئىدى.
ئۇ مۇنداق دېگەن ": مېنىڭچە بىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز، ئۇنىڭ شىمالىي كورىيە شۇنداقلا ئىرانغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ قويىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى."
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ سابىق بولىۋىيە باش ئەلچىسى فىلىپ گولدبېرگ يىتەكچىلىكىدىكى بىر گۇرۇپپا پات يېقىندا بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي تەرەپ بىلەن ب د ت نىڭ شىمالىي كورىيىگە قاراتقان ئىمبارگو قارارىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ب د ت نىڭ بۇ قېتىمقى ئىمبارگو قارارى شىمالىي كورىيىنى يادرو پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلايدىغان ئۈنۈملىك كوزۇر، دەپ قاراشماقتا.
