بېيجىڭ تيەنتەن باغچىسىغا يىغىلغان ئەرزدارلار تۇتقۇن قىلىنماقتا

خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىدىن لى جىڭپىڭ ۋە شۈ جىخۇڭ قاتارلىقلارنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتى ھارپىسىدا، بېيجىڭدىكى تيەنتەن باغچىسىدا 9 - نويابىردىن باشلاپ ئۆتكۈزمەكچى بولغان "خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى مۇھاكىمە يىغىنى" ھەم نامايىش تەلىپى 6 - نويابىر كۈنى بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنىپ، بۇ ئىككىيلەن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ئىدى.

بوشۈن تور بېتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يىغىن ھەم نامايىش ساقچى دائىرىلىرىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، تۈنۈگۈندىن بۇيان بېيجىڭدىكى بىر قىسىم ئەرزدارلار ھەم پۇقرالار خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ توسۇشىغا قارىماي، بېيجىڭ تيەنتەن باغچىسىنىڭ جەنۇبىي دەرۋازىسىغا يىغىلغان.

يىغىلىشقا ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 2 نەپەر مۇخبىرىمۇ كەلگەن بولۇپ، ئەرزدارلار ئۆزلىرىنىڭ ئەرز ماتېرىياللىرىنى مۇخبىرلارغا كۆرسەتكەن.

بوشۈن تور بېتىنىڭ سۈرەتلىك خەۋىرىدە، ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارنى تۇتقۇن قىلىۋاتقان سۈرىتى بېرىلگەن بولۇپ، بىر ئەرىزدار مۇخبىرغا گەرچە ساقچىلار تۇتقۇن قىلىشنى باشلىۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۆزلىرىنىڭ يەنىلا بۇ يەرگە يىغىلىش ئارقىلىق خەلقنىڭ كۈچىنى نامايان قىلماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.