يىللاردىن بېرى، قورچاق پارتىيە دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان مىنگې پارتىيىسىدىكىلەرگە مەنسۇپ بۇ تەشەببۇستا، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى كېرەكلىكى بايان قىلىنغان.
تەشەببۇستا بىڭتۈەننىڭ مەۋجۇدىيىتى، خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا، خىتاينىڭ سايلام قانۇنىغا ۋە خىتاينىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىغا شۇنداقلا يەنە، خىتاي 1997 - 1998 - يىللىرى ئىمزا قويغان خەلقئارالىق كېلىشىملەردىن "پۇقرالارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھەقلىرى كېلىشىمى"، " پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇق " كېلىشىملىرىگە خىلاپ ئىكەنلىكى ماددىمۇ - ماددا شەرھىلەپ چۈشەندۈرۈلگەن.
تەشەببۇسنامىدا، بىڭتۈەننىڭ قارىماققا، ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش رولى بارلىقى، ئەمەلىيەتتە بولسا، بىر تۈركۈم ئەمەلدارلارنىڭ ئۆزى بەگ - ئۆزى خان بولۇپ ھاكىمىيەت سۈرۈش رولىنى ئويناۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
تەشەببۇسنامىدا، بىڭتۈەننى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ رايوندىكى يەرلىك ئۇيغۇرلارغا كەلتۈرىدىغان پايدا - زىيىنى ھەققىدە ھېچقانداق توختالمىغان؛ پەقەت باشتىن ئاخىرى، بىڭتۈەندىكى دېھقان ئىشچى دەپ ئاتالغان ئاممىنىڭ بىر گۇرۇپپا ئەمەلدارلار تەرىپىدىن تالان - تاراج قىلىنىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
