خىتاي، ئۇيغۇر رايونىدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى مەخسۇس يەرلىك قانۇن چىقارماقچى

5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي، ئۇيغۇر رايونىدا مەخسۇس بۆلگۈنچىلىككە قارشى يەرلىك قانۇن تۈزۈپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى تۈنۈگۈن 5 ‏ - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى 3 خىل كۈچلەر كەلتۈرۈپ چىقاردى دەپ ئەيىبلىگەن. قۇرۇلتاي رەئىسى ئەركىن ئىمىرباقى بۇ ھەقتىكى سۆزىدە، "خەلقنىڭ قانۇننى چۈشىنىشنىڭ يېتەرسىزلىكى، نۆۋەتتىكى جىددىي بىر مەسىلە " دەپ كۆرسەتكەن ؛ ئۇ يەنە ھۆكۈمەتنىڭ، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدا قانۇن ساۋادى بېرىدىغان كىتابلارنى تارقىتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئالاقىدار قانۇنلىرىدا، دۆلەتنىڭ پۈتۈنلۈكىگە قارشى سۆز - ھەركەتلەر جىنايەت دەپ بېكىتىلگەن. بۇ نۆۋەت خىتاي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ئارقىلىق بۆلگۈنچىلىككە قارشى مەخسۇس يەرلىك قانۇن تۈزمەكچى. ئەركىن ئىمىرباقى بۆلگۈنچىلىككە قارشى يەرلىك قانۇن تۈزۈشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش ۋە تېرورلۇقنى باستۇرۇشقا قانۇنىي ئاساس ھازىرلاش دەپ چۈشەندۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى مىللىي ۋە سىياسىي ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىشتە قانۇنغا ئاساسەن ئەمەس، 7 ‏- نومۇرلۇق ھۆججەت دېگەندەك ھۆججەتلەرگە ئاساسان بىر تەرەپ قىلىپ كەلگەن. ئەركىن ئىمىرباقىنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرى يىللاردىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىشتە قانۇن ئاساسقا تايانمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىدۇر.