خىتاي ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىن دالاي لامانى قوللاشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ يېقىندا تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاماغا "لانتوس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى" بەرگەنلىكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىن "تىبەت مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ، ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىش"نى تەلەپ قىلىشىغا سەۋەب بولدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ما جاۋشۈي جۈمە كۈنى مۇنداق دېگەن": بىز ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنى تارىخ ۋە پاكىتقا ھۆرمەت قىلىشقا، دالاي لامانىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى تونۇۋېلىشىقا ۋە تىبەت مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشقا چاقىرىمىز".

ما جاۋشۈي بايانات ئېلان قىلىشتىن سەل بۇرۇن، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا دالاي لاما بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. باراك ئوبامانىڭ ئامېرىكىدا زىيارەتتىكى تىبەت روھانى داھىسى بىلەن كۆرۈشۈشنى، ئۆزىنىڭ 11 ‏ - ئايدىكى خىتاي زىيارىتىدىن كېيىنكى بىر مەزگىلگە كېچىكتۈرگەنلىكى بىر قىسىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسى پېلۇسى دالاي لاماغا "لانتوس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى" تارقىتىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ،"تىبەت، دۇنيانىڭ ئەخلاقىي دۇچ كەلگەن بىر رىقابەت" دېگەن شۇنداقلا خىتاينى دالاي لامانىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىشقا چاقىرغان ئىدى.