خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دالاي لامانىڭ تەلىماتىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئارۇناچال پارادىش شتاتىغا جايلاشقان تاۋاڭ موناستىرى ئالدىدىكى مەيدانغا 30 مىڭغا يېقىن ئادەم يىغىلغان.
ئۇ يىغىن ئەھلىگە، تىنچلىق ۋە مېھرىبانلىق توغرىسىدا تەلىم بەرگەن ۋە تىبەت بۇددىزمىنى تارقىتىشنىڭ كەلگۈسى تىبەت ئەۋلادلىرىنىڭ مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكى تەكىتلىگەن.
گەرچە دالاي لاما ئۆزىنىڭ ئارۇنئاچالغا قاراتقان بىر ھەپتىلىك زىيارىتىنى " سىياسىيدىن مۇستەسنا" دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ بۇ زىيارىتى خىتاي -ھىندىستان چېگرا مەسىلىسىدە سوغۇقچىلىق كۈچەيگەن مەزگىلگە توغرا كەلگەن بولغاچقا، خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لامانىڭ بۇ نۆۋەتلىك زىيارىتىگە قاتتىق قارشى تۇردى.
ئارۇنئاچالغا جايلاشقان تاۋاڭ موناستىرى 400 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئىككىنچى چوڭ تىبەت ئىبادەتخانىسىدۇر.
مەلۇم بولۇشىچە، 1959 - يىلى دالاي لاما تىبەتتىن قېچىپ چىققاندا مەزكۇر ئىبادەتخانىدا بىر مەزگىل تۇرۇپ پاناھلانغان ئىكەن.
