جۇ يۈڭكاڭ بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش داۋامىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە، ئالدىن تەييارلانغان دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئۆي - مۈلۈكلىرىنى زىيارەت قىلغان؛ چېگرا بويىدىكى ساقچى - ئەسكەرلىرىدىن ھال سورىغان.
قەشقەرنىڭ بارىن يېزىسىدا قوش تىللىق يەسلىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ پارتىيىنى كۈيلەپ ئېيتقان ناخشىلىرىغا قۇلاق سالغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە "شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش شوئارى" نى تەكىتلىگەن. ئەمما رايوندىكى يەرلىك خەلقنىڭ ئىش تېپىش مەسىلىسى، مائارىپ قىيىنچىلىقلىرى قاتارلىق ئەمەلىي مەسىلىلەر ھەققىدە ھېچ توختالمىغان.
جۇ يۈڭكاڭ يەنە رايونغا، چوڭ ئېچىش، چوڭ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش ۋە چوڭ گۈللەندۈرۈش پۇرسىتى يېتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شىنخۇا تورىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا مەخسۇس شىنجاڭ خىزمەت يىغىن ئاچماقچى، جۇ يۈڭكاڭنىڭ بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشى ئەنە شۇ يىغىنغا تەييارلىق ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان.
ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، يېقىندا مەركەزنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىدە بەلگىلىك ئۆزگىرىشلەر بولىدىغانلىقى مەلۇم، ئەمما بۇ ئۆزگىرىشنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدىكى خاتا قەدەمنى تېزلىتىش ياكى خاتالىقتا تۈزىتىش بولىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.
