خىتاي ھۆكۈمىتى لەنجۇ ھەربىي رايون قىسىملىرىنى ئۈرۈمچىگە كىرگۈزدى

ئۈرۈمچىدە يۈز بېرىۋاتقان نامايىش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نامايىشنى باستۇرۇشى بۈگۈن 4‏ - كۈنىگە قەدەم قويدى. بۈگۈن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ نەشرىياتلىرىدا ئۇيغۇر ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئەڭ جىددىي خەۋەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىنى تىنچلاندۇرۇش ئۈچۈن لەنجۇ ھەربىي رايون قىسىملىرىنى يۆتكەپ كەلدى. ئۈرۈمچىدە، تۈنۈگۈن كەچتىن بۇگۈن ئەتىگەنگىچە قاتناش توختىتىلغان، تەشۋىقات ئاپتوموبىللىرى كۇچىلارغا چىقىپ شەھەر خەلقىنى سرتقا چىقماسلىققا چاقىرغان ئىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ۋاڭ لېچۇەن تۈنۈگۈن كەچتە تېلېۋىزىيە ئارقىلىق نۇتۇق سۆزلەپ، تىغ ئۇچىنى چەتئەللەردىكى دۈشمەن كۈچلەرگە ۋە ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرگە قارىتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە 'ئەگەر خىتايلار تەشكىللىنىپ بىگۇنا ئۇيغۇرلارغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتسە، ئېچىنىشلىق ئىش بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ قويۇڭلار' دەپ كۆرسەتكەن ئىكەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، گەرچە ئۈرۈمچىدە قاتناش توختىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا توپلىشىپ تىركىشىدىغان ۋەقەلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئۇلارنى ساقچىلار ئايرىۋېتىپ تۇرۇۋاتىدۇ. ھازىر خىتاي ھەربىي قىسىملىرى تېخىچە تىنچلانمىغان ئۈرۈمچىگە قاراپ ئېقىشقا باشلىدى.