رويتېرستا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىك ھەم قانۇن تارماقلىرى ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋېلىشقا قويۇلغان چەكلىمىلەردىن ئەپچىللىك بىلەن ئۆتۈپ خىتايدىن يۇقىرى تېخنىكىلىق قوراللارنى ياساشقا ئىشلىتىدىغان مېتاللارنى سېتىۋالغانلىقىغا ئائىت دەلىل ئىسپاتلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئىراننىڭ ئا د ئا ن سودا چەكلىك شىركىتى باشقۇرۇلىدىغان بومبا يېتەكلەش سىستېمىسىغا ئىشلىتىلىدىغان 30 مىڭ كىلوگرام ۋولفرام قاتارلىق ماددىلارنى خىتاينىڭ بېيجىڭ يۇقىرى تېخنىكا ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتىدىن سېتىۋالغان.
2005 - يىلى يانۋاردا، خىتاينىڭ 7 شىركىتى ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەملەشكەنلىك سەۋەبىدىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىمبارگو قويۇشىغا ئۇچرىغان ئىدى.
