خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئىران بۇنىڭدىن بۇرۇن ياۋروپا بىرلىكىنىڭ، ياۋروپا بىلەن كاۋكاز ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈر يول ياساش پىلانىغا سوغۇق مۇئامىلە قىلغان ئىدى.
ئامېرىكىدىكى جوھن خوپكىسنس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا - ئاسىيا - كاۋكاز مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى نىكولاسنىڭ قارىشىچە، خىتاي بۇ قېتىم ئىران بىلەن، ئىراندىن تاجىكىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ئارقىلىق قەشقەرگە كېلىدىغان بىر تۆمۈر يول ياساش ئۈچۈن بىر كېلىشىم ئىمزالاش ئارقىلىق، ئامېرىكا، ياۋروپا بىرلىكى ۋە رۇسىيىلەرنىڭ بۇ رايوندىكى تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى ئويلاۋاتىدۇ.
