سابىق خىتاي جاسۇسى شى پېيپۇ پارىژدا ئۆلگەن

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1986 - يىلى فرانسىيە سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ 6 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بېيجىڭ ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ سابىق ئارتىسى شى پېيپۇ ئالدىنقى كۈنى پارىژدا ئۆلگەن. بىر ئۇيغۇر بوۋاق چېتىلىپ قالغان بۇ دىلو ئەينى چاغدا خېلى غۇلغۇلا قوزغىغان جاسۇسلۇق ۋەقەلىرىنىڭ بىرى ئىدى.

شى پېيپۇنىڭ ئەسلى جىنسى ئەر بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئايال قىياپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، فرانسىيىنىڭ بېيجىڭدىكى دىپلوماتى بېرنارد بورسىكۇت بىلەن تونۇشقان ھەم ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەتلەشكەن.

بۇ ۋەقە 1960 - يىللاردىكى "مەدەنىيەت ئىنقىلابى" دەۋرىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، شى پېيپۇ بورسىكۇتنى خىتاي بىخەتەرلىك ئورگىنى ئۈچۈن ئىشلەشكە كۆندۈرگەن ئىدى. فرانسىيىلىك دىپلومات 1967 - يىلى خىتايدىن ئايرىلىپ دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن، بېيجىڭدا قالغان شى پېيپۇ فرانسىيىلىك "سۆيگىنى" بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزمىگەن. بورسىكۇت فرانسىيىگە قايتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي شى پېيپۇ ئۇنىڭغا خەت يېزىپ، ئۆزىنىڭ ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەم ئۈرۈمچىدىكى بىر دوختۇرخانىدىن سېتىۋالغان بىر ئۇيغۇر بوۋاقنى فرانسىيىلىك دىپلوماتتىن تۇغۇلغان "ئوغلى" قىلىپ ئۆستۈرگەن ئىدى.

بورسىكۇت 1977 - يىلدىن 1979 - يىلغىچە فرانسىيىنىڭ موڭغۇلىيىدىكى ئەلچىخانىسىدا خىزمەت قىلغان مەزگىلىدە، خىتايدا قالغان "سۆيگىنى" شى پېيفۇنى مەخپىي ئاخبارات بىلەن تەمىنلەپ تۇرغان. لېكىن بورسىكۇت شى پېيپۇنىڭ ئەسلى بىر ئەركەك ئىكەنلىكىدىن خەۋەرسىز ئىدى. شى پېيپۇ 1982 ‏- يىلى ئۈرۈمچىدىن سېتىۋالغان "ئوغلى" بېرتراند بىلەن فرانسىيىگە كۆچۈپ بېرىپ، "سۆيگىنى" بېرنارد بورسىكۇت بىلەن جەم بولغان، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي قولغا ئېلىنغان. ئۇ 1987‏ - يىلى فرانسىيە پرېزىدېنتى مىتراندنىڭ كەچۈرۈم قىلىشىغا ئېرىشىپ قويۇپ بېرىلگەندىن بېرى پارىژدا ياشاۋاتقان ئىدى.