دانىيال بلاير دوكلاتىدا يەنە، خىتاي ھازىر ئامېرىكىغا قاراتقان جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنى ئامېرىكىدىن باشقا دۆلەتلەردىمۇ كېڭەيتىپ ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ مەسلىھەتچىلەر گۇرۇپپىسى بۇلتۇر 11 - ئايدا دۆلەت مەجلىسىگە سۇنغان دوكلاتتىمۇ، خىتاي جاسۇسلىرى تىنىم تاپماستىن ئامېرىكىنىڭ مەخپىيەتلىكلىرىنى ئوغرىلاپ، بېيجىڭنىڭ ھەربىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ، دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.
