كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى يەنە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا،خىئىتاي ھۆكۈمىتىنى ئوز ھاكىمىيەت كۈچىدىن پايدىلىنىپ خىتاي پۇقرالىرىنى قالايمىقان تۇتقۇن قىلىش، ئۇلارنىڭ ئوي - ماكانلىرىنى ئاختۇرۇش، كومپۇيۇتىرىنى، بانكا ھېساب نومۇرلىرىنى، خاتىرە دەپتەرلىرىنى قولغا چۈشۈرۈش ۋە ئۇلارنى قامال قىلىش ۋە يەنە دىنىي تەشكىلات رەھبەرلىرىنى ۋە تالىپلىرىنى ئاختۇرۇش ھەمدە تۇتقۇن قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن.
ئىنسان ھەققىلىرى تەشكىلاتلىرى ئوچۇق خېتىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى: " خىتاي خەلقى ئويغاندى، ئۇلار ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا تەييار، ئۆلۈمدىن قورقمىغان خەلقنى ھېچقاچان ئۆلۈم بىلەن قورقىتىش مۇمكىن ئەمەس" دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن تەڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سورۇش شۇنداقلا پۇقرالارنىڭ سۆز ۋە پىكىر ئەركىنلىكى، دىنىي ئەركىنلىكىنى قايتۇرۇپ بېرىشكە چاقىرغان.
