شۇنداقلا ئۇ، 22 ئەرەپ دۆلىتى بىرلىكتە قۇرغان ئەرەب بىرلىكى ئاچقان ئىقتىسادىي سۆھبەتتە سۆز قىلىپ 'خىتاي كۆپ مىللەت ۋە كۆپ خىل دىنىي ئېتىقات بار دۆلەت، خىتايدىكى 20 مىليون مۇسالماننىڭ مەدىنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقاتى تۇلۇق ھۈرمەتكە ئېگە، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىنى خىتايلار بىلەن ھوقۇقتا تەڭ باراۋەر تۇرۇپ تەرەققى قىلدۇرىۋاتىدۇ' دەپ جاكارلاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلاغا قاراتقان مىللىي، دىنىي كەمسىتىش سىياسىتى ئۈچۈن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە تەنقىتكە ئۇچراش ۋە ئەيىلىنىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي بۇنىڭدىن بۇرۇن ئامېرىكا، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىلا ئەمەس، ئافرىقا دۆلەتلىرىدىمۇ، ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسى ئۈچۈن تەنقىتكە ئۇچرىغان ئىدى.
ۋېنجاباۋنىڭ بۇ سۆزلىرى پەقەت، خىتاينىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن ئېنىرگىيە ئېلىش ئۈچۈن 2003 - يىلى سالغان 491 مىليۇن ۋە 2008 - يىلى سالغان 7 مىلياردا 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلىغىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقى ئېنىق.
