خىتاي بىلەن موڭغۇلىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر باشلىدى

28 - ئىيۇن كۈنى خىتاي بىلەن موڭغۇلىيىنىڭ " تىنچلىقنى قوغداش ئەلچىسى 2009 " ناملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر بېيجىڭدىكى ھەربىي مەشىق مەيدانىدا رەسمىي باشلاندى. مەزكۇر بىرلەشمە مانېۋىرغا موڭغۇلىيە ۋە خىتاي ئارمىيىسىنىڭ بىر قىسىم قوشۇنى قاتنىشىدىغان بولۇپ، شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى مانېۋىر بىرلىكتە نەزەرىيە جەھەتتىن مۇزاكىرە قىلىش، بىرلىشىپ مەشىق قىلىش ۋە ئومۇمىي مانېۋىردىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

نامدا بىرلەشمە مانېۋىر دەپ ئاتالغان، خىتاي بىلەن موڭغۇلىيە ئارمىيىسىنىڭ تۇنجى قېتىم بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن مەزكۇر ھەربىي پائالىيىتىگە، خىتاي تەرەپتىن 46، موڭغۇلىيە تەرەپتىن 45 ھەربىي خادىم قاتنىشىپ، ئىككى تەرەپ بىرلەشتۈرۈلۈپ، بىر تىنچلىقنى قوغداش روتىسى بولۇپ تۈزۈلگەن.

بۇ موڭغۇلىيە بىلەن خىتاينىڭ تۇنجى قېتىملىق بىرلىكتە تىنچلىقنى ساقلاش نامى ئاستىدا ھەربىي مەشق ئۆتكۈزۈشى بولۇپ ھېسابلانغان بولۇپ، باشلىنىش مۇراسىمىغا بېيجىڭ ھەربىي رايوننىڭ بىر مۇئاۋىن قوماندانى، موڭغۇلىيىنىڭ خىتايدىكى بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىيە خادىمى قاتناشقان.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى ئىچكى موڭغۇلدا تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەر بۇ يىل 9 - ئايدا قازاقىستاندا چوڭ كۆلەمدە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان ئىدى.