بۇ ئۈچىنچى لىنىيە ئۇيغۇر ئېلىدىن باشلىنىپ فۇجيەن ئۆلكىسىگە تۇتۇشىدىغان بولۇپ، ئۇلار بۇ يولنى 2-3 يىل ئىچىدە پۈتتۈرۈپ بولۇشنى پىلان قىلماقتا ئىكەن.
2011-يىلى مەزكۇر غەرب-شەرق تۇرۇبا يولىنىڭ قورغاسنى مەركىزى بېكەت قىلغان ئىككىنچى لىنىيە قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئىدى. 8600 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى مەزكۇر تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى تۈركمەنىستاندىن باشلىنىپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئارقىلىق خىتاينىڭ جۇجياڭ دېلتىسىغا تۇتۇشىدىغان بولۇپ، يىلىغا 30 مىليارد كۈپ مېتىر تەبىئىي گاز يوللاش ئىقتىدارىغا ئىگە.
«غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبا لىنىيىسى» نىڭ بىرىنچى لىنىيىسى تارىم-شاڭخەي تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى بولۇپ، مەزكۇر تۇرۇبا يولى ئارقىلىق ھازىر تارىمدىن شاڭخەيگە يىلدا 12 مىليارد كۈپ مېتىر تەبىئىي گاز يوللانماقتا ئىكەن.
خىتاي نېفىت-تەبىئىي گاز شىركىتى نېفىت شىركىتىنىڭ باشلىقى فۇجيەنگە تۇتۇشىدىغان 3-لىنىيە قۇرۇلۇشى ھەققىدە توختالغاندا، شىركەتنىڭ ھازىر گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
ئەمما، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، خىتاينىڭ رايوندىكى نېفىت-تەبىئىي گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سانىنى ئاشۇرۇپ، مۇھىتنىڭ تېخىمۇ ۋەيران قىلىشتىن باشقا، ئۇيغۇرلارغا نەپ ئېلىپ كەلمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
