خىتاي دائىرىلىرى بۈگۈن، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش قۇرۇلۇشىنى باشلاش ئۈچۈن 440 مىڭ نوپۇس كۆچۈرىدىغانلىقىنى، كۆچۈرۈلىدىغان ھەر بىر خىتاي پۇقراسىغا تۇرالغۇ چىقىمىدىن باشقا 19 مىڭ يۈەندىن كۆچۈش پۇلى بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
بۇنىڭدىن بۇرۇن خىتاي دائىرىلىرى چاڭجاڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىن شىمالغا سۇ ئەكىلىش قۇرۇلۇشنى باشلاش ئۈچۈن، 2014 - يىلىغىچە ھەر يىلى 100 مىڭدىن نوپۇس كەچۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ بۇ پىلانى مۇھىتشۇناسلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى.
ھازىر خىتاي يەنىلا بۇ پىلان بويىچە شەرقىي، ئوتتۇرا ۋە غەربىي لىنىيە دەپ ئاتالغان ئۈچ لىنىيە بويىچە جەنۇبتىن شىمالغا سۇ يۆتكەش قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، ئالدى بىلەن خۇبېيدىن بېيجىڭگە سۇ يۆتكەش تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنى پۈتتۈرمەكچى بولىۋاتىدۇ.
خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى 1989 - يىلى تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى قوراللىق باستۇرغاندىن كېيىنلا 'سەنشا توسمىسى قۇرۇلۇشى' دېگەن نام بىلەن خىتايدىن ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا نوپۇس كۆچۈرۈشكە باشلىغان ئىدى.
