خىتاي دائىرىلىرى ئوبامانىڭ زىيارىتى ھارپىسىدا ئۆكتىچىلەرنى تۇتقۇن قىلغان

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ تۇنجى خىتاي زىيارىتى ھارپىسىدا خىتاي دائىرىلىرى بېيجىڭ ۋە باش جايلاردىن ئۆكتىچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بېيجىڭغا كەلگەن ئەرزدارلارنىمۇ يىغىپ كەتكەن. ئەرزدار چېن جاڭفاڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوبامانى كۈتۈۋېلىش ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە نىسبەتەن ئوبامانىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن شاڭخەيدىن 200 نەپەر ئەرزدار كەلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنى ساقچىلار يىغىپ ئېلىپ كەتكەن.

چېننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئەرزدارلار يا شوئار توۋلىمىغان ۋە ياكى قولىدا لوزۇنكا كۆتۈرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار خىتاي مەركىزىي ئەرزىيەت ئىدارىسىگە بېرىشىغا، ساقچىلار ئۇلارنى يىغىپ كەتكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خىتايدا يۈز بەرەگەن زەھەرلىك سۈت پاراشوكى ۋەقەسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان جاۋ ليەنخەينى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى جۈمە كۈنى كەچقۇرۇن ئۆيىدىن ئېلىپ كەتكەن.

خوڭكوڭدىكى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئوبامانىڭ زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينىڭ شاڭخەي ۋە بېيجىڭ شەھەرلىرىدىن نەچچە ئون پائالىيەتچىنى تۇتۇپ كەتكەن. بۇ خىلدىكى تۇتقۇن قىلىش خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ يۈز بەرگەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ئاسىيا سەپىرىنى باشلاشتىن ئىلگىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى كەسكىن رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرغان ئىدى.