خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوتتۇرا ئاسىياغا توشۇش نۇقتىلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتمەكچى

خىتاي قاتناش دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا بىلەن چېگرىلىنىشتەك ئەۋزەل جۇغراپىيىلىك شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، سودا - ئىقتىسادنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۈرۈمچى، قەشقەر، قۇمۇل،كورلا، كۈيتۈن، غۇلجا قاتارلىق يەتتە شەھەردە 21 توشۇش ۋە يۆتكەش مەركەزلىرى ھەم بېكەتلىرىنى كېڭەيتىش ۋە قۇرۇشنى قارار قىلىپ، بۇنىڭ ئۈچۈن بىر مىليارد يۈەن مەبلەغ سالماقچى بولدى.

بۇ پىلان 2015 - يىلىغىچە ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ بولىنىدىكەن.

شىنخۇئانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان توشۇش تورى شەكىللەنگەن بولۇپ، تاش يول، تۆمۈر يول، ھاۋا يولى ۋە تۇرۇبا يولىدىن ئىبارەت تۆت خىل توشۇش يول تورى بويىچە ئىش ئېلىپ بېرىلماقتا.

ئۇيغۇر دىيارىدىن ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە كىرىپ چىقىدىغان ئىككى تەرەپنىڭ 54 توشۇش لىنىيىسى مەۋجۇت بولۇپ، 2015 - يىلىغا كەلگەندە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ توشۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ماشىنىلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 280 مىڭغا يەتكۈزىلىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلى جۇغراپىيىلىك جەھەتتىن خىتاينى ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ۋە ياۋروپا بىلەن باغلاپ تۇرىدۇ، ئەگەردە پاكىستان بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ئارىسىدىكى تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى پۈتسە، خىتاي پاكىستان ئارقىلىق ھىندى ئوكيان بويلىرىدىكى دۆلەتلەرگە چىقالايدۇ ھەمدە تىنچ ئوكيان ئارقىلىق ئايلىنىپ، ھىندى ئوكيان رايونى بىلەن سودا - سېتىق پائالىيىتى قىلىشقا قارىغاندا، بۇ يول ئارقىلىق تېخىمۇ تېز ۋە ئۈنۈملۈك سودا پائالىيەتلىرى قىلالايدۇ.

شۇڭا،نۆۋەتتە، خىتاي ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تۇرۇبا يوللىرى ياساپ، تاش يول ھەم تۆمۈر يول قاتناشلىرىنى كۈچەيتىشكە تىرىشماقتا.