ئالدىنقى كۈنى نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى، دۇنيا نەشرى قاتارلىق بىر قىسىم مۇھىم ئاخبارات ئورگانلىرى 11 مىڭ خىتاي ئەسكىرىنىڭ پاكىستاننىڭ گېلگىت رايونىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ئورۇنلىشىشقا باشلىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ تۆمۈر يول شۇنداقلا قارا قۇرۇم تېغىدا ئۇيغۇر ئېلىگە تۇتۇشىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ياسايدىغانلىقىنى، بۇ ئۇچۇرنىڭ چەتئەل جاسۇسلۇق ئورگانلىرى، پاكىستان مۇخبىرلىرى تەرىپىدىن دەلىللەنگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
گەرچە شۇ كۈنى پاكىستان دائىرىلىرى خەۋەرنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ئارمىيىسىنىڭ رايوندىكى مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلمىغان، ئۇلارنىڭ پاكىستاندىكى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە قاتنىشىپ، يول ياساۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
گېلگىت رايونى پاكىستاننىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، شىمالدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تاشقورغان ۋە خوتەن رايونى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. شەرقتە بولسا ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى جامۇ ۋە كەشمىر رايونىغا چېگرىلىنىدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە رايون. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىشى خىتاي بىلەن چېگرا زىددىيىتى بولغان ھىندىستاننى بىئارام قىلىدىكەن.
