شىركەتنىڭ كان ئەسلىھەلىرىگە ئوت قويۇۋېتىلگەن. خىتاينىڭ كان خىزمەتچىلىرىدىن 2 ئادەم ئۆلگەن. بۇ ھۇجۇمنىڭ سەۋەبى ۋە مەقسىتى نامەلۇم.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي 2007 - يىلى ئەنگىلىيىنىڭ پېرۇدىكى بىر مىليارد 260 مىليون توننا مىس زاپىسى بار، ھەر يىلى 220 مىڭ توننا مىس ئىشلەپچىقىرىلىپ تۇرۇۋاتقان بىر كېنىنى بىر مىيارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىۋېلىپ، مىس قېزىشنى تېزلىتىشكە باشلىغاندىن كېيىن، يەرلىك مۇھىت قوغدىغۇچىلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ كەلمەكتە ئىدى.
رويترس ئاگېنتلىقنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي بۇ مىس كاننى ئېچىشقا باشلىغاندىن كېيىن، پېرۇنىڭ بۇ تاغ رايونىدا ئەپىيون ۋە خېروين ئەتكەسچىلىكى يامراپ كېتىپ، يەرلىك خەلقنىڭ غەزىپى ئۆرلەپ قالغان ئىدى.
