خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'ۋېنخۇي گېزىتى' بايان قىلىشىچە، كانادادا پانالىق تېلەش ئىلتىماسى تەستىقلانمىغان 17 مىڭ ئادەمدىن ھازىر 2313 خىتاي پۇقراسى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇنىڭ 69ى خىتايدىن قاچقان خىيانەتچى جىنايەت گۇماندارى. بەزىلىرىنىڭ تېخىچە دۆلەت تەۋەلىكى ھەققىدىكى كىملىك ئىسپاتى يوق.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ھازىر خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان كانادا باش مىنستىرى خىتاي بىلەن بۇ مەسىلە توغرۇلۇقمۇ سۆزلەشكەن. خىتاي بۇ قېتىم يەنە 'يۇەنخۇا دېلوسى'نىڭ باش جىنايەتچىسى لەي چاڭشىننى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
ئەمما كانادا چېگرا مۇلازىمەت ئىدارىسى قوغلاپ چىقىرىدىغان قانۇنسىز كۆچمەن تىزىملىكتە، خىتايدا بۇنىڭدىن بۇرۇن ئەڭ چوڭ خىيانەتچىلىك - چېرىكلىك دېلوسى دەپ ئاتالغان 'يۇەنخۇا دېلوسى'نىڭ باش جىنايەتچىسى لەي چاڭشىننىڭ ئىسمى يوق.
