خىتاينىڭ شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارغا تايانغاندا، چېگرا مەركىزى يەنە قازاقىستان - خىتاي چېگرا لىنىيىسىنى ساياھەت قىلىشنى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇلاردىن باشقا يەنە ئالمالىق كونا شەھىرى، ئىلى گېنېرال مەھكىمىسى قاتارلىق جايلارنىمۇ ساياھەت نۇقتىسىغا ئايلاندۇرغان.
خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ بىرلەشمە خەلقئارالىق مەركىزى قازاقىستان تەرەپنىڭ 1.2 كۋادىرات كىلومېتىر، خىتاينىڭ 3.43 كۋادرات كىلومېتىر يەر چىقىرىشى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئاز قىسىمى قازاقىستاندا، كۆپ قىسىمى خىتاي ئىگىدارچىلىقىدا ئىكەن. مەزكۇر مەركەزدە سودا بىناسى، مال توشۇش ئورنى، كۆڭۈل ئېچىش مۇلازىمەت ئورۇنلىرى بار بولۇپ، ئاساسلىقى سودا قىلىشنى مۇددىئا قىلغان.
