خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى 'مۇخبىرلار قەشقەرگە بېرىشقا بولمايدۇ' دېگەن مەسىلىگە جاۋاب بەردى

12 - نويابىر كۈنى خىتاي باياناتچىسى چىن گاڭ خىتايدا چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىگە نىسبەتەن قانۇن بەلگىلەنگەنلىكىنى، بۇ بەلگىلىمىلەرنىڭ قەشقەر شەھىرىدىمۇ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، مۇخبىرلارنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن، توغرا تەلىپىنىڭ قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىگە ئاكتىپلىق بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

چىن گاڭ بۇ سۆزنى بىر نەپەر چەتئەل مۇخبىرنىڭ "قەشقەر تاشقى ئىشلار ئىدارىسى بىزگە، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ قەشقەر شەھىرىگە كىرىشكە بولمايدىغانلىقىنى، ئەمما قەشقەرگە ساياھەت ئۈچۈن بېرىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بۇ نېمە سەۋەبتىن؟" دېگەن سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە قىلغان بولۇپ، چىن گاڭ مۇنداق جاۋاب بەرگەن: "ختايدا چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىگە نىسبەتەن قانۇن تۈزۈم بەلگىلەنگەن، ئەلۋەتتە بۇ قانۇن بەلگىلىمىلەر قەشقەر شەھىرىدىمۇ ئوخشاشلا كۈچكە ئىگە.ئەگەر سىز ۋە سىزنىڭ دوستلىرىڭىز زىيارەت جەريانىدا قىيىنچىلىققا ۋە مەسىلىلەرگە ئۇچرىساڭلار، سىز دەرھال شۇ جايدىكى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ خىزمىتىگە مەسئۇل ئىدارىلەرنى ئىزدىسىڭىز ياكى بىز بىلەن ئالاقە قىلسىڭىز بولىدۇ. سىلەرنىڭ قانۇنلۇق، ھەقىقانىي تەلىپىڭلارغا نىسبەتەن بىز ئاكتىپلىق بىلەن ياردەم بېرىمىز."

ئەمما چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ خىتايدىكى نورمال زىيارىتى ئۈزلۈكسىز ھالدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن توسقۇنلۇقلارغا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىكى زىيارىتى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ھەر قايسى دۆلەت ئاگېنتلىقلىرى ئۈزلۈكسىز خەۋەر بېرىپ كېلىۋاتقان ئىدى.