خىتايغا قورال ‏- ياراق ۋە پارتلاتقۇچ توشۇغان ئەرەب ئايروپىلانى تۇتۇپ قىلىندى

ھىندىستان دائىرىلىرى خىتايغا قورال يۆتكەۋاتقان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ھەربىي ئايروپىلانىنى تۇتۇپ قالغان. فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ ھەقتىكى خەۋەرنى ھىندىستان ھەربىي دائىرىلىرى دۈشەنبە كۈنى ئاشكارىلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئابۇ دابى شەھىرىدىن خىتاينىڭ خەنياڭ شەھىرىگە قاراپ ئۇچقان مەزكۇر ھەربىي ترانسپورت ئايروپىلانى يەكشەنبە كۈنى ھىندىستان كالكۇتتا ئايرودرومىغا ماي قاچىلاش ئۈچۈن قونغان ئىكەن.

ھالبۇكى، ئايروپىلان قانداق يۈك قاچىلانغانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان. ئايروپىلان كالاكۇتتا ئايرودرومىغا قونغاندىن كېيىن ھىندىستان ئايرودروم خادىملىرى ئايروپىلانغا قورال ‏ - ياراق ۋە پارتلاتقۇچ قاچىلانغانلىقىنى بايقىغان.

خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، ھىندىستان سانائەت بىخەتەرلىكى قىسىملىرى قوماندانى جايانتى غوش: " بىز ئايروپىلاندا ئادەتتىكى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا قورال ‏ - ياراق ۋە پارتلاتقۇچ دورىلارنى بايقاپ بەك چۆچۈپ كەتتۇق" دېگەن.

نۆۋەتتە بۇ ترانسپورت ئايروپىلانىنىڭ 8 خادىمى بۇ ھەقتە سوراق قىلىنماقتا ئىكەن.