خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە قوراللىق ساقچى قىسىم 6 - تارماق ئەترىتى قۇردى

خىتاي ھۆكۈمىتى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە قوراللىق ساقچى قىسىم 6 - تارماق ئەترىتىنى قۇردى. دوۋېي تورىدا، مەزكۇر قىسىمنىڭ "شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچەيتىش ۋە شىنجاڭ مۇستەقىلچىلىرىنىڭ كۈچىنى بېسىقتۇرۇش مەقسىتى" دە قۇرۇلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

تەڭرىتاغ تورىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ ئەترەت خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن قۇرۇلغان. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرى تارقاتقان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭىدىن قۇرۇلغان قوراللىق ساقچى قىسمىنى قۇرۇش ۋە يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى 8 - فېۋرال ئەتىگەندە ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلغان.

مۇراسىمغا قوراللىق ساقچى قىسىملىرى مۇئاۋىن شتاب باشلىقى پەن چاڭجيې ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاپپار ھەبىبۇللالار قاتناشقان.

شىنجاڭ گېزىتىدە بۇ ئەترەتنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن "قوراللىق ساقچى قىسىم باش ئەترىتىنىڭ تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە تېررورلۇققا قارشى قوشۇنىغا يېڭى كۈچ قوشۇلدى" دەپ كۆرسىتىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل فېۋرالنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە 5 مىڭ نەپەر ئالاھىدە ساقچى كۆپەيتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.