مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، 'شىنجاڭنى تەكشۈرۈش' دېگەن نام بىلەن ئەۋەتكەن خىزمەت گۇرۇپپىلار ھازىر، تەكشۈرۈپ - تەتقىق قىلغان پۈتۈن ئۇچۇرلارنى توپلاپ، تەشەببۇس ئوتتۇرىغا قويۇش باسقۇچىدا تۇرماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا ئەۋەتكەن بۇ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى 'شىنجاڭدىكى مۇقىمسىزلىق'نى خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسەتلىرى ئەمەس، بەلكى ' شىمال بىلەن جەنۇبنىڭ تەرەققى قىلدۇرۇلۇشىدا پەرق چوڭ بولغانلىقى' كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارىماقتا.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي بۇ يىل 'شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش ' دېگەن نام بىلەن سەرپ قىلىدىغان بىخەتەرلىك خىراجىتىنى 2 مىليارد 890 مىليون يۈەن (ئامېرىكا دوللىرى ھېسابىدا 423 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) گە يەتكۈزمەكچى.
