خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى سوتلاش رەسمىيىتى خىتاي قانۇنىغا ئۇيغۇن ئەمەس

ئۆز مۇخبىرىمىز خەۋىرى: ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى بۈگۈن، ۋاشىنگتوندىكى دۆلەت ئاخبارات كىلۇبىدا يىغىن ئۆتكۈزدى. بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئورگاننىڭ 6 نەپەر ئادۋوكاتى بۇ ئاخبارات يىغىنىدا، خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋە قانۇننىڭ رولى ھەققىدە سۆز قىلدى.

بېيجىڭدىن كەلگەن لى فاڭپىڭ قاتارلىق ئادۋوكاتلار سۆزلىرىدە، خىتاينىڭ قانۇن سېستىمىسىدا، ئېغىر ئادالەتسىزلىك مەۋجۇت دەپ كۆرسەتتى ۋە ئامېرىكىدىن، خەلقئارا جەمئىيەتتىن بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلدى.

بېيجىڭدىن كەلگەن لى فاڭپىڭ قاتارلىق ئادۋوكاتلار سۆزلىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە نامايىش قىلغان ئۇيغۇرلارنى سوتلاش رەسمىيىتى خىتاي قانۇنىغا ئۇيغۇن ئەمەس، ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارنىڭ دېلولىرىنى جەمئىيەتتىكى ئادۋوكاتلارنىڭ قوبۇل قىلىشىنى چەكلىدى، ئەمما ئۆزى كۇرس ئېچىپ تەربىيىلىگەن كىشىلەر ئىچىدىنلا ئادۋوكات تاللاشقا بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ، خىتاينىڭ قانۇنىغا خىلاپ ھەرىكەت دەپ كۆرسەتتى.