"ۋېنخۇي "گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، تەكشۈرۈشنىڭ "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، تەكشۈرۈش ئۆمىكىدە خىتاي مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى دۇ چىڭلىن، مەركىزى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ يۈنشەن، خىتاي دۆلەت كابىنتىنىڭ باش كاتىپى ما كەي قاتارلىق كىشىلەرنىڭ بارلىقى، ئۆمەك تەركىپىگە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىدىكى ھەر قايسى مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلارنىڭ ھەممىسىدىن ئادەم قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە، تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ 3 گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەنلىكىنى، ھەر قايسى گۇرۇپپىلارنىڭ ئوخشىمىغان تۈرلەر بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، بۇ تۇرلەرنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت، ئىدىيە، ئىقتىسادى - ئىجتىمائىي تەرەققىيات، مىللى، دىنىي، ئىجتىمائىي مۇقىملۇق، تەشكىلى ۋە ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
خەۋەردە يەنە، تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكى بىر قىسىم ئەزالارنىڭ بېيجىڭغا قايتقانلىقىنى، يەنە بىر قىسىمىنىڭ بولسا داۋاملىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، تەكشۈرۈشتىن كېيىن دوكلات ھازىرلاپ، خىتاي دۆلەت كابىنتىغا سۇنىدىغانلىقىنى، خىتاي دۆلەت كابىنتىنىڭ كېلەر يىلى 3 - ئايدا "شىنجاڭ مەسىلىسى"گە ئائىت مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، يۇقىرىقى دوكلات ئاساسىدا سىياسەت بەلگىلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
