خىتاي دائىرىلىرى ئىككى كۈن ئىلگىرى بۇ خىلدىكى 7 نەپەر ئۇيغۇر ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، 6 نەپىرىگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن ئىدى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ بايانچىسى، سوتنىڭ 14 - ئۆكتەبىر ئەتىگەندە باشلانغانلىقى ۋە ھېلى ھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاي دائىرىلىرى بۇ بىر تۇركۇم جاۋابكارلارغا قانداق ھۆكۈم ئېلان قىلىنغانلىقى ۋە بۇلارنىڭ مىللەت تەركىبىنى ھازىرچە ئاشكارىلىمىدى.
بۇ ھەقتە توختالغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانچىسى دىلشات رىشىت، سوتنىڭ سىياسىي مەقسەتتە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، جازانىڭ ئېغىرلاشتۇرۇلۇپ يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى ۋە بۇ بىر تۈركۈم جاۋابكارلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشى پارتلىغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر نامايىشنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا دۆڭگىگەن ھەمدە ۋەقە قاتناشقۇچىلىرىنى ئۆلۈم جازاسى بىلەن جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " 5 - ئىيۇل ۋەقەسى"گە ئالاقىدار شەخسلەرگە 3 - تۈركۈم ھۆكۈم ئېلان قىلىشى بولۇپ، ئۇلار ئۆتكەن ئايدا 21 ئادەم ئۈستىدىن سوت ئاچقان.
