خىتاي، جەنۇبىي رايونلارنىڭ قۇرۇلۇش پىلانىغا زور مىقداردا مەبلەغ ئاجراتتى

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە قارايدىغان تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبتىكى قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ قاتارلىق ئىككى ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستتا "قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش پىلان - لايىھىسى" نى رەسمىي تەستىقلاش بىلەن بىرگە مەزكۇر قۇرۇلۇش ئۈچۈن 53 مىليارد 400 مىليون يۈەن ياردەم سوممىسى بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009.01.04

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر پىلان لايىھىسى 2009 - يىلىدىن 2013 - يىلىغىچە ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش قارار قىلىنغان بولۇپ، بۇ پىلان جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئېكولوگىيىلىك مۇھىت قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كېرەك بولغان ئاساسىي قۇرۇلۇش ھەم باشقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خەۋەردە قەشقەر، خوتەن ۋە قىزىلسۇنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىقتىسادى ئەڭ ئارقىدا قالغان جايلار ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. قەشقەر، خوتەن ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ھەمدە ئاقسۇ ۋىلايىتى تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ۋە زىچ ئولتۇراقلاشقان جايلار بولۇپ، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ناھىيىلەر، ئۇيغۇر ئېلى بويىچىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن خىتاي بويىچە ئەڭ كەمبەغەل جايلار ھېسابلىنىدۇ.

بۇ جايدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى تېخىمۇ كەمبەغەل. ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ ئېيتىشىچە، جەنۇبتىكى ئۇچ ۋىلايەتنى راۋاجلاندۇرۇش شوئارى مەيدانغا چىققاندىن بۇيان قەشقەر، خوتەن، قىزىل سۇ تەۋەسىدىكى خىتايلار نوپۇسى تېز سۈرەتتە ئاشماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.