'شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر - خىتاي جىددىيلىكىنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ئاقىۋەتلىرى' ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى

9 - نويابىر كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى جورجىتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىدا " شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر - خىتاي جىددىيلىكىنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ئاقىۋەتلىرى" ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا.

مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تارقاتقان ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىغىنغا جورجى توۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياۋرو - ئاسىيا، رۇسىيە ۋە شەرقىي ياۋروپا تەتقىقات مەركىزىي ساھىبخانلىق قىلىدىغان بولۇپ، يىغىندا سۆز قىلغۇچىلار ئىچىدە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تارىخ پروفېسسورى، ئۇزۇن يىللار ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىر قانچە كىتاب ۋە كۆپلىگەن ماقالىلارنى ئېلان قىلغان جەيمىس مىللىۋارد، جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا تەرەققىيات پروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى، ئۇيغۇرشۇناس دوتسېنت شون روبېرت ۋە يەنە بىر نەپەر خىتايشۇناس مۇتەخەسسىس بولۇپ، جەمىي ئۈچ مۇتەخەسسىس 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىللىي مۇناسىۋەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مەسىلىلەر بويىچە ئىلمىي دوكلات قىلىدۇ.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋرو - ئاسىيا جەمىيىتىنىڭ يىللىق مۇھاكىمە يىغىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شتاتىدىكى سىياتول شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەخسۇس يىغىندا ئامېرىكا ئالىملىرىدىن جەيمىس مىللىۋارد، شون روبېرت، گاردنېر بوۋىڭدون قاتارلىقلار ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە مەسىلىلىرى ھەققىدە توختالغان ئىدى.

جورجىتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مەزكۇر يىغىن يېقىنقى بىر قانچە ئاي ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئائىت مۇھىم مۇھاكىمە پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.