ۋېن جياباۋ، زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە كەمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدا يەر شارى ئىقتىسادى توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا ئاڭلىغۇچىلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭغا قارىتىپ ئايىقىنى ئاتقان شۇنداقلا يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىراپ، "بۇ ئۇنىۋېرسىتېت قانداق قىلىپ بۇ دىكتاتۇرغا بۇ جايدا سۆزلەش پۇرسىتى بەردى، سىلەر قانداقمۇ ئاڭلاپ ئولتۇرۇۋاتىسىلەر...." دەپ ۋارقىرىغان.
گەرچە ۋېن جياباۋغا قارىتىپ ئېتىلغان ئاياق ئۇنىڭغا تەگمىگەن بولسىمۇ، ئاياق ئاتقۇچى ئەنگلىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن ئىدى.
مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دۆلەت كابىنېتى باياناتچىسى جياڭ يۈ بۈگۈن ئاخبارات دائىرىلىرىگە بەرگەن باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ۋەقەدىن ئىنتايىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ " بىز بۇ ۋەقەدىن ئىنتايىن نارازى، ئەنگلىيە دائىرىلىرىنىڭ ئاياق ئاتقۇچىنى قانۇن بۇيىچە بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. ئەمما بۇنىڭ ئەنگلىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز،" دېگەن.
خىتاي ئاخباراتلىرى باش مىنىستىر ۋېن جياباۋنىڭ ئەنگلىيە زىيارىتى ھەققىدە توختىماي خەۋەر بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا ئاياق ئېتىلغانلىق ۋەقەسىنى تىلغا ئالمىغان، ھەتتا خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيىسىمۇ بۇنىڭغا دائىر كۆرۈنۈشنى قەستەن ئۈزۈۋەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بارلىق ئىنتېرنېت تورلىرىدىنمۇ مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى ئۇچۇرلار توسىۋېتىلگەن.
بۈگۈن كەمبېرج ئۇنىۋېرسىتېتى دائىرىلىرى ۋېن جياباۋغا ئاياق ئېتىش ۋەقەسى ھەققىدە بايانات بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭمۇ بۇ ۋەقەدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى ئىپادىلەپ " مەكتەپ مۇنازىرە ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدىغان جاي، ئاياق ئاتىدىغان ئورۇن ئەمەس " دېدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئاياق ئاتقۇچى بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ 27 ياشلىق بىر ئاسپىرانتى بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر ئۇنىڭ ۋېن جياباۋغا ئاياق ئېتىش قىلمىشى ئۈستىدىن كەمبېرج سوتىغا ئەيىبلەش ئەرزى سۇنغان بولۇپ، سوت 10 - فېۋرال كۈنىگە بېكىتىلگەن. نۆۋەتتە ۋېن جياباۋغا ئاياق ئاتقان نامايىشچى كاپالەتكە قويۇپ بېرىلگەن.
نۆۋەتتە ۋېن جياباۋغا ئاياق ئېتىش ۋەقەسى، ئۆتكەن يىلى دېكابىردا ئىراق مۇخبىرىنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇشقا ئاياق ئېتىش ۋەقەسىدىن كېيىنكى، ئىككىنچى قېتىملىق دۆلەت ئەمەلدارلىرىغا ئاياق ئېتىش داڭلىق ۋەقەسى بولۇپ قالدى.
