'ئەمدى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ خەلققە زۇلۇم سالىدىغان تاملىرىنى يىقىتىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى'

ئىتالىيىدىكى 'ئەركىنلىك گېزىتى' نىڭ بايان قىلىشىچە، مەشھۇر دېموكراتىيىچى ئەرباب ۋېي جىنشېڭ ئەپەندى بېرلىن تېمى يىقىتىلغانلىقىنىڭ يىگىرمە يىللىقىنى خاتىرىلەپ قىلغان سۆزىدە 'ئەمدى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تاملىرىنى يىقىتىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى' دەپ جاكارلىدى.

'خىتايغا نەزەر' تور گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، ۋۇ فەن، خۇا فېڭ قاتارلىق مەشھۇر سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرمۇ، بېرلىن تېمى يىقىلىپ 20 يىلدىن كېيىن، پۈتۈن دۇنيا بۇنىڭ نەتىجىسىنى يەنە بىر قېتىم مۇقىملاپ ئالقىشلىغاندا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى يەنە بىر قېتىم ساراسىمىگە چۈشتى دەپ بايان قىلدى.

مۇلاھىزىچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئەمدى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ خەلققە زۇلۇم سېلىش ئۈچۈن سالغان تاملىرىمۇ، خۇددى بېرلىن تېمىغا ئوخشاش خەلق تەرىپىدىن ئۇچتۇمتۇت يىقىتىلىدۇ. بۇنى ھازىر خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھېس قىلدى، ئەمما تام يېقىتىشنىڭ كېچىدىمۇ ياكى كۈندۈزدىمۇ، بېرلىن تىمىغا ئوخشاشمۇ ياكى رومىنىيىنىڭ مۇستەبىتى چىئوسېسكونى ئېتىپ بىر تەرەپ قىلغان شەكلىدىمۇ ياكى پەن تېخنىكا ناھايىتى تەرەققى قىلغان ۋە كەڭ دائىرىدە ئومۇملىشىۋاتقان بۇ دەۋردە، پەن -تېخنىكا شەكلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا بىرخىل يېڭى شەكىلدە بولۇدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.